Uyghur←Chinese主要词典
تانتال
تېببىي,ماشىنىسازلىق,خىمىيە
钽
tǎn
دۇنيا تارىخى
坦塔罗斯
tǎn tǎ luó sī
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى سىپىيلا (كىچىك ئاسيادىكى لىدىيە چېگرىسى ئىچىدە) تاغلىق دۆلىتىنىڭ پادىشاھى. باش خۇدا زېۋېىسىنىڭ ئوغلى. بايلىقى ھەددى - ھېسابسىز، ھاكاۋۇر ۋە ئابرويپەرس ئىكەن. ئۇ تەڭرىلەرنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلىدىغان ياكى بىلىمەيدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئوغلى فېلوپنى ئۆلتۈرۈپ تەڭرىلەرگە زىياپەت بېرىپتۇ. تەڭرىلەر غەزەپلىنىپ، ئۇنى جازالاش نىيىتىگە كەپتۇ. ئۇنى چوڭقۇرلۇقى كۆكرىكىگىچە كېلىدىغان كۆل ئىچىگە بەند قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى (ياكى بېشى تەرىپىدىن دەرەختە غۇجمەك - غۇجمەك مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇرىدىكەن، لېكىن ئۇ ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەندىمۇ سۇ ئىچەلمەيدىكەن، ئېچىرقاپ كەتكەندىمۇ مېۋە يېيەلمەيدىكەن؛ ئېڭىشىپ سۇ ئىچەي دېسە سۇ دەرھال پەسلەپ كېتىدىكەن، مېۋىلەرگە قولىنى ئۇزارتسا شاخلار ئېگىزلەپ كېتىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۈستىگە يوغان بىر تاش ساڭگىلىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ھەر دائىم ۋەھىمە ئىچىدە تۇرىدىكەن.