Uyghur←Chinese主要词典
تانسىتۇس
دۇنيا تارىخى
塔西佗
tǎ xī tuó
(تەخمىنەن 55 - 120)قەدىمكى رىملىق تارىخشۇناس، سىياسىئون، ئەدىب. كونا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان، كېيىن بوغالتىرىيە ئەمەلدارى، ئەدلىيە ئەمەلدارى، ئۆلكە باش ۋالىيىسى كونسۇل، ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جۇھمۇرىيەتكە مايىل بولۇپ، ئىمپېرىيە تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن <يىللار خاتىرىسى> دا مىلادى 14 - 68 - يىللاردىكى تارىخىي ئىشلار يېزىلغان؛ <ئاگرىكولانىڭ تەرجىمىھالى> دا قېيىن ئاتىسى ئاگرىكولانىڭ برىتانىيىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالى يېزلغان؛ <گېرمانىيە تەزكىرىسى> دە گېرمانلارنىڭ تارقىلىشى، ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى بايان قىلىنغان؛ <ناتىقلارنىڭ دىئالوگى>دا ناتىقلىق سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە چۈشكۈنلىشىشى سۆزلەنگەن. سۆز - ئىبارىلىرى ئېغىر ۋە ئىخچام، ماتېرىيالى بىرقەدەر تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئېنگېلس ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىنى كۆپ قېتىم نەقىل كەلتۈرگەن.