Uyghur主要词典
تامۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، گۇناھكارلارنىڭ روھى مەڭگۈ ئازاپ چېكىدىغان يەر؛ شۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ دۇنيادىكى پاجىئەلىك، زۇلمەتلىك تۇرمۇش مۇھىتى تەمسىل قىلىنىدۇ.
دوزاخنى كۆرگەن جەننەتنى ئۇنتۇماس. ئاغزى كۆيمىسە دوزاخنىمۇ يۇتۇۋېتىدىغان. جەھەننەمگە ئۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تومۇغ، دوزاخ.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تامۇ قاپۇغىن ئاچار تاۋار _ دوزاخنىڭ ئىشىكىنى پارا ئاچىدۇ، يەنى پارا دوزاخنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىدۇ _ يۇ، باشقىسىنى ئاچالمامدۇ؟ بۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرمەكچى بولغان كىشىنىڭ پارا بېرىشى كېرەكلىكىگە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 322
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جەھەننەم