Uyghur主要词典
تامچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇنى تېمىتىشتىن چۈشكەن ئازغىنا سۇيۇقلۇق.
دېڭىزدىن تامچە. تامچە سۇدا تال كۆكىرەر. قەترە سۇدىن كۆل ھاسىل بولار. بىر تېمىم زەھەر بىر كۇب مەينى زەھەرلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. سۇيۇقلۇقنىڭ شار شەكلىنى ئالغان كىچىك - كىچىك تېمىمى.
تامچە سۇدا تال كۆكىرەر (ماقال).
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر تامچە قان.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، دىلبەر قەييۇمنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا دىلبەر قەييۇمنىڭ <بولسا بىر تامچە>، <دىلبەر> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن <تاڭ ئالدىدىكى چولپان>، <شائىرە>، <ئەجدادىم تەشەككۈرى>، <تۇپراقنىڭ غەزىپى> قاتارلىق باللادىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سۇيۇق نەرسىلەرنىڭ ئاز مىقدارى؛ قەترە، تامچە.