Uyghur←Chinese主要词典
تالونلارنى قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازا非法出售发票罪
fēi fǎ chū shòu fā piào zuì
بۇ - دۆلەتنىڭ تالونلارنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان تالونلاردىن باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تالونلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان تالونلاردىن باشقا تالونلارنى 50 پارچىدىن ئارتۇق قانۇنسىز ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
209 - ماددا 2 - تارماق، 4 - تارماق ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 01 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
3 - تارماقتىكى بەلگىلىمە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلاردىن قانۇنسىز ساتقانلارغا 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
211 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 201 -، 203 -، 204 -، 207 -، 208 -، 209 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
50 پارچىدىن ئارتۇق ئادەتتىكى تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。