Uyghur主要词典
تالىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ نەرسىسىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالماق.
بۇلاشنى بىلگەن سىيلاشنىمۇ بىلەر، كىشىنىڭكىنى تالاپ يەپتۇ، ئۆزىنىڭكىنى يالاپ، خەقنىڭ تېرىسىنى بولىغان يالىڭاچ قالار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چىشلىمەك، چىشلەپ تارتماق، سىلكىشلىمەك.
ئۇ يار ئىچىگە ئەمدىلا تاشلىنىشىغا چوڭ بىر ئىت ئۈستىدىن بېسىپ چۈشتى - دە، خىرقىرىغىنىچە تالاشقا باشلىدى.
بۇلىماق، تارتىۋالماق، تالان - تاراج قىلماق.
ئۇلار تاڭ ئاتقۇچە ھېچكىمدە ھېچ نەرسە قالدۇرماي بۇلاپ تالىدى.
كۆچمە. تەرەپ - تەرەپتىن ھاقارەتلىمەك، ئاھانەت قىلماق، تىللىماق.
ئىلىمدارلار، ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئەل ئىشى ئۈچۈن خان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلسە، ھوقۇقدارلار ئۇلارنى ئىشىكتىن كىرگۈزمەيلا تالايدۇ.