Chinese→Uyghur主要词典
塔林敦
دۇنيا تارىخى
تارېنتۇم
ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنڭ جەنۇبىي قىسىدىكى قەدىمكى يۇنانلىقلار شەھىرى. كاربۇرىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، تارېنتۇم قولتۇقىغا جايلاشقان. تەخمىەن مىلادىدىن 700 يىل ئىلگرى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن 706 يىل ئىلگىرى) فالېنتۇس باشچىىقىدىكى بىر تۈركۈم سپارتا مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. تۇپرىقى مۇنبەت، مەھسۇلاتى مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز قاتنىشى قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، پۈتكۈل <چوڭ يۇنان> رايونىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. كېمىلەرنى ياساپ، ماتروسلارنى مەشق قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سودا مەنپەئىتىنى قوغدىغان؛ دائىمىي پىيادە ئەسكەرلىرى 20 مىڭدىن ئېشىپ، يەنە ئاتلىق ئەسكەرلىرىمۇ بولۇپ، يۇنانلىقلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ئىچىدە باشچىلىق ئورنىدا تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇشتۇمزورلۇق سىياسىيىسى يولغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن. بايلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تارېنتۇملىقلاردا بايۋەچچىلىك قىلىش ئادىتى كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ، كۈچلۈك قوشنىلىرى (لۇكانىيىلىكلەر، مېساپىيىلىكلەر، بروتلار قاتارلىقلار) نىڭ تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نەتىجىدە كۆپ قېتىم ئانا ئېلى - سپارتا ۋە ئېپرۇس (گرېتسىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) نىڭ ياردەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. رىمنڭ تەسىرىنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىگە كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن 281 يىل ئىگىرى ئېپىرۇس شاھى پېرروسنى ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن <پېرروس ئۇرۇشى> كېلىپ چىققان. پېرروس مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن، رىمىقلار تارېنتۇمنى ئىشغال قىلغان ھەمدە جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان. ئىككىنچى قېتىمىلق پوئېنى ئۇرۇشىدا، تارېنتۇملىقلار كاننىبالغا ئەل بولۇپ، رىملىقلارنىڭ شەپقەتسىز باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 207)، شۇنىڭدىن كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزەىلىدە (ئاۋگۇستۇس تەختتە ئولتۇرغان مەزەىلىدە) يېڭىۋاشتىن گۈللەنگەن؛ ئاھالىسى يەنىلا ئىسراپخورلۇققا بېرىلگەن، بۇ ئەھۋالنى رىم شائىرى ھوراتىئۇس ئالاھىدە تەسۋىرلىگەن. تارېنتۇملىقلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنمۇ يۇنان تىلىنى قوللىنىۋەرگەن، يۇنان مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار تارېنتۇمنى تاراس دەپ ئاتىغان.