Uyghur主要词典
تالاس ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەبلەر تيەنباۋنىڭ 10 - يىلى (751) تالاس
(قازاقىستاندىكى جامبول شەھىرىنىڭ يېنى) دا قىلغان ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەنشى ھېراۋۇلى گاۋشەنزى قارلۇق قەبىلىسى ۋە فەرغانە قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تالاستا ئەرەب قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتى. بەش كۈن تىركەشكەندىن كېيىن، قارلۇق قوشۇنى ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن گاۋشەنزى مەغلۇپ بولدى، نۇرغۇن ئادەم ئەسىرگە چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەغەز ياسايدىغان ئۇستىلار بار ئىدى. جۇڭگونىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى شۇلار ئارقىلىق غەربكە تارقالدى. دۇ خۇەنيۈي 10 يىلدىن كېيىن جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، <سەپەر خاتىرىلىرى> يېزىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دىن ۋە تەبىئىي شارائىت، ئۆرپ - ئادەتلەرنى بايان قىلدى.