Uyghur主要词典
تالالىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت ( « تالاⅠ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە « لىق » قوشۇلغان ).
1. تالا _ تۈزدە ئىشلىتىشكە لازىملىق.
تالالىق كىيىم.* مېنىڭ تالالىق بەتىنكەم يوق.* تالادىمۇ ئۆيئىچىلىك بەتىنكەمنى كىيىپ يۈرىمەن.
2. ئىسىم. تالا _ تۈزگە يارىشىملىق. ئۇ خوتۇننىڭ تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلكى يوق.
3. تالالىق ( « قىلماق، بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ ). ياتلىق، ئەرلىك، ئۆيلۈك قىلماق، بولماق. پاتىگۈل تالالىق بولغىنىغا ئىككى يىل بولدى.* توختىكام قىزىنى تالالىق قىلماقچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت( « تالاⅡ » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە « لىق » قوشۇلغان ).
تالاسى بار، تالادىن تۈزۈلگەن.
تالالىق ئۆسۈملۈكلەر.* تالالىق رەخت.* بىرىكمە تالالىق رەختلەر.* ئۇزۇن تالالىق پاختا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
تالاسى بولغان، تالالاردىن قۇراشتۇرۇلغان .
تالالىق بۆك.* سەككىز شەپكە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تالادا ئىشلىتىلىدىغان، ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئىش - ھەرىكەتتە لازىم قىلىدىغان.
پاكزات دەرھاللا ئۇنىڭ تالالىق كېيىملىرىنى يۇيۇشقا تۇتۇش قىلىپتۇ.
ئى. تالاغا يارىشىدىغان خاراكتېر، خۇسۇسىيەت.
خۇدايىم بۇنى تالالىقلا بار ئادەم قىلىپ يارىتىپتىكەن.
سۈپ. ياتلىق، ئەرلىك، ئۆيلۈك.
تالالىق قىلماق. تالالىق بولماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تالاسى بار، تالالىرى بولغان، تالالاردىن تۈزۈلگەن.
تالالىق رەخت. تالالىق بۆك.