Uyghur主要词典
تاكېگوشى يوسابۇرۇ
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1950) ياپونىيە تارىخشۇناسى، سىياسىئونى. كېئىئو يىللىرىدا ھەقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئەسلىدە <ئېقىم مەسىلىلىرى يېڭى گېزىتى>، <خەلق ئاخباراتى> دا مۇخبىر بولغان. كېيىن <دۇنيادىكى ياپونىيە> ژۇرنىلىدا باش مۇھەررىر بولغان. 1898-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق مەسلەكداشلار ئۇيۇشمىسىغا تەۋە بولغان. 1902-يىلدىن باشلاپ بەش قېتىم ئاۋام پالاتاستىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1922-يىلى ئوردا ئىشلىرى ۋازارىتى ۋاقىتلىق پادىشاھ سارىيى مىرزىلار ئىدارىسى مىرزا باشلىقى بولغان. 1923-يىلى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1940-يىلى مەركىزىي مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولغان. ئىنستىتۇت گۇرۇھىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزەرىگە قارىمۇ قارشى بولغان. <يېڭى ياپونىيە تارىخى>، <2500 يىللىق تارىخ>، <تەيۋەندىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى>، <ياپونىيە ئىقتىساد تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.