Uyghur←Chinese主要词典
تاكېچى مىزۇياما
دۇنيا تارىخى
武市瑞山
wǔ shì ruì shān
(1829 - 1865) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تېننونى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئىرادىلىك كىشى. ئىسمى ئونوتاتې، تەخەللۇسى مىزۇتاكاشى، ئادەتتە خانپېئىتا دەپ ئاتىلىدۇ. قىلىچۋازلىققا، رەسىم سىزىشقائۇستا. 1856 - يىلى ۋاسسالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئېدو، مىتو، ساتسۇما، ناگوسۇ ۋاسساللىقىغا بېرىپ ۋاسسال زىيالىيلىرى بىلەن دوست بولۇپ، تېننونى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1861-يىلى توسا مونارخىستلار گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوردا بىلەن شوگنات بىرلەشمە كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، تېننونى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ساناگى ياسۇئومى، كۇساكا گېنمىزۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەينى ۋاقىتتىكى شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى ئاساسلىق شەخسلەردىن بولۇپ قالغان. 1863-يىلى 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان. ئاخىر ۋاسسالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قورسقىنى يېرىپ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان.