Uyghur主要词典
تاكاماتسۇ قەدىمىي قەبرىسى
领域: دۇنيا تارىخىياپونىيىدىكى ئاسۇكا دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرە. ياپونىيىنىڭ نارا ناھىيىسى تاكايچى ئاسۇكا كەنتىدە. 1972 - يىلى 3 - ئايدا قېزىلغان. قەبرە دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، تېگىنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن 18 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5 مېتىر كېلىدۇ. تاش تاۋۇت قەبرىنىڭ ئوتتۇرىغا توغرىسىغا قويولۇپ، گرانت تاش بىلەن قوپۇرولغان. قەبرىنىڭ تۈكلۈكى ۋە ئىككى يېنىدىكى تاش تامغا نېپىز بىر قەۋەت ھاك بېرىلىپ، ئۈستىگە سۈرەت سىزىلغان، بۇ خېلى ئوبدان ساقلانغان. تۈڭلۈك رەسىملىرىدىن يولتۇزلارنىڭ سۈرىتى بار. شەرق - غەربتىكى ئىككى تامغا ئاي - كۈننىڭ سۈرىتى سىزىلغان. تۆت تەرەپتىكى تامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تۆت ئىلاھنىڭ سۈرىتى سىزىلغان. شەرق، غەربتىكى تامغا ئەر - ئاياللارنىڭ سۈرىتى سىزىلغان، ئۇلار رەڭگارەڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن، بۇ ياپونىيە بويىچە تۇنجى قېتىم تېپىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ئارخېئولوگىيىسى جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. بىللە كۆمۈلگەن نەرسىلەر ئىچىدە دېڭىز يىرتقۇچلىرى، ئۈزۈنچە ئەينىكى، ئەينەك مۇنچاق قاتارلىقلار بار. قويولغان جەسەت ئەر، كىملىكى نامەلۇم. ۋاقتى مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。