Uyghur主要词典
تاج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق بەلگىسى بولغان. قىممەت باھالىق تاشلار بىلەن زىننەتلەنگەن باش كىيىم:
كۆرۈپ ئانچە ياخشى سىپاھۇ جۇنۇد،
باشىغە بىلىپ تاج دۇررى شۇھۇد.
ئا. نىزارى. ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: خان - پادىشاھلىق بەلگىسى، خان - پادىشاھلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق ۋە كىيىدىغان قالپاق.
ئىنسان بارلىق مەخلۇقنىڭ تاجىدۇر، ئۇ شەرەپلىك، پاك ۋە گۈزەل ياشىمىقى كېرەك. خەلق قوزغالسا تەخت قۇزغىلىپتۇ. كەچتە ئاچ ئۇخلاشقا بولىدۇ مەجبۇر، ئۆز يۇرتىدا تەخىتتىن چۈشسە پادىشاھ. تاجىغىمۇ، تەختكىمۇ ھېچ بولما مۇھتاج، يەرنى تەخت بېلگىن ۋە ئاسماننى تاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئىپادە قىلىپ تۇرىدىغان ۋە قىممەت باھالىق زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئىشلەنگەن باش كىيىم.
بەزى قۇشلارنىڭ بېشىدىكى قىزىل گۆشسىمان ئۆسمە.
خورازنىڭ تاجى.
<بوت> گۈل كاسسىسىغا ئورۇنلاشقان بىرقانچە گۈل ياپراقچىلىرى.
گۈل تاجى.