Uyghur←Chinese主要词典
تاي - سون قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
西山起义
xī shān qǐ yì
1771 - 1802 - يىللىرىدىكى ۋيېتنامدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. جەنۇبتىكى كۇينۇنفۇنىڭ تاي - سون كەنتىدە باشلانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. رۇەن ۋېنيۆ، رۇەن ۋېنخۇي، رۇەن ۋېنلۇي دېگەن ئۈچ ئاكا - ئۇكا رەھبەرلىك قىلىپ، دېھقانلار، نامرات ئەمگەكچىلەر ئاممىسى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان.1771 - 1785 - يىللىرى شىمالدىكى تىرىن جەمەتى فېئودال تەپرىقىچى گۇرۇھى بىەن مۇرەسسەلىشىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، جەنۇبتىكى نىگۇيېن جەمەتى فېئودال تەپرىقچىلىق گۇرۇھقا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بەرگەن ھەمدە سىيام (ھازىرقى تايلاند) نىڭ مۇداخىلە قوشۇننى مەغلۇپ قىلغان. 1786-يىلى رۇەن ۋېنخۇي قوشۇن باشلاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، شېڭلوڭ (ھازىرقى خانوي) غا ھۇجۇم قىلىپ، شىمالدىكى ترىن جەمەتى گۇرۇھىنى تارمار قىلغان؛ 1788-يىلى جۇڭگو چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇداخىلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، لى جەمەتى سۇلالىسىنى يوقاتقان. تاي - سون قوشۇنى تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ھاكىمىيەت ئورناتقان. رۇۋەن ۋېنيۆ 1778-يىلىلا پادىشاھ دەپ ئاتىلىپ، نامى يۇەنتەيدېغا ئۆزگەرتىلگەن؛ 1787-يىلى مەركىزىي پادىشاھ دەپ ئاتالغان؛ رۇەن ۋېخۇي 1788- يىلى پادىشاھ دەپ ئاتىلىپ، چۇاڭ - ترۇڭ يىلنامە قىلىنغان ھەمدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىگە ئاننام پادىشاھى دەپ ئۇنۋان بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تارىختا تاي - سۇن ھاكىمىيىتى تاي - سۇن سۇلالىسى دەپمۇ ئاتالغان. رۇەن فامىلىلىك ئاكا - ئۇكىلار پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارنىڭ تېرىشى ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىپ، دەرىجىگە بۆلۈپ باج ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. لېكىن كېيىن ئاينىپ يېڭى فېئودال ھۆكۈمرانلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئىچكى نىزا بولۇپ تۇرغان. 1792-يىلى ۋېنخۇي، ۋېنيۆ، ئارقا - ئارقىدىن قازا قىلىپ كەتكەن، ۋېنخۇينىڭ ئوغلى گۇاڭزۇەن تەختكە چىققان بولسىمۇ، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1802-يىلى جەنۇبتىكى رۇەن جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدىن رەۇن فۇيىڭ فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شېڭلۇڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، رۇەن گۇاڭزۇەننى ئەسىر ئېلىپ، رۇەن جەمەتى سۇلالىسىنى قۇرغان.