Uyghur←Chinese主要词典
تايرو
دۇنيا تارىخى
大老
dà lǎo
ياپونىيىنىڭ ئېدو شوگونلىقىدىكى ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدار. ۋاقىتلىق مەنسەپ نامى. دائىمىي ئەمەلدار بولغان ئويئاتارىز ئۈستىدە تۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇراتتى ۋە دايمىيو (سەركەردە) نى كونترول قىلاتتى. زۆرۈر تېپىلغاندا تايرو تەسىس قىلىناتتى، ئۇ ئالىي ھوقۇققا ئىگە ئىدى. 1639 - يىلى تسۇسما توتوشكاتسونى، 1666-يىلى يەنە ساكاي تاداكىيونى تاير قىلىپ تەيىنلىگەن. ئادەتتە تەمىناتى 100 مىڭ تاغاردىن يۇقىرى سەركەردىلەردىن تاللاپ تەيىنلىنەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇننى تاكاي، تىسۇ، سماسۇ، خوتتا قاتارلىق باي سەركەردىلەر ئىگىلەپ تۇرغان.