Chinese→Uyghur主要词典
态度
ئۇنىۋېرسال
tài du
مۇئامىلە مۇناسىۋەت
كەيپىيات؛ خۇلق؛ يۈرۈش - تۇرۇش
ئۇسلۇب
قاراش، مەيدان، پوزىتسىيە
پسىخولوگىيە
پوزىتىسىيە
بىركىشىنىڭ مەلۇم كىشى، مەلۇم ئىش، مەلۇم نەرسە ۋە مەلۇم ئىجتىمائىي تەشكىل، كەسىپ، ھەمدە مەلۇم پائالىيەت ياكى ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بىر خىل يېقىنلىشىش ياكى يىراقلىشىش، ھىمايە قىلىش ياكى قارشى تۇرۇشنىڭ مۇقىم، ئومۇملاشتۇرۇلغان ھالدىكى خاھشىدىن ئىبارەت. مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى، ئىجابىي ياكى سەلبىي پوزىتىسيە، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھېسىياتى ياكى ئىنكار قىلىش ھېسىياتى (خۇشاللىق، خالاش ياكى بىزارلىق، ئۆچلۈك قاتارلىقلار)، ئىجابىي ياكى سەلبىي ھېسىيات (روھلىنىش، قىزغىنلىق ياكى بوشىشىش، سوغۇق مۇئامىلە قاتارلىقلار) نىڭ ھەممىسى پوزىتسىيىدۇر. بەزىلەر ھېسىيات پوزىتسىيە بولۇپ، ئۇ پوزىتسىيىنىڭ ئىپادىسى دەپ ھېسابلايدۇ؛ بەزىلەر ھېسىيات كىشىنىڭ شەيئىلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ تۇيغۇسى دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىسى ئېيتىلىش جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ، لېكىن ھەر ئىككىسىلا پوزىتسىيە ھېسىياتنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەن ئالغاندا، بۇ ئىككىسى دىئالېكتىك مۇناسىۋەتتە بولۇپ، پوزىتسىيە بولسا مەيدان، بىلىش، ئېھتىياجلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كونكرېت ۋەقەلىك خاراكتېرىدىكى ھېسىيات بىر قېتىملىق كۈچلۈك غىدىقلىنىش ياكى كۆپ قېتىم كۈچەيتىلىش بىلەن شەكىللىنىدۇ، بىر بالا تۇغقىنغا ياكى يات كىشىگە تۈرلۈك پوزىتسىيىدە بولىدۇ. بىر ئوقوغۇچى تۈرلۈك مۇئەللىم، تۈرلۈكچە دەرس ياكى پائالىيەتلەرگە قارىتا تۈرلۈك پوزىتسىيىدە بولىدۇ. بۇ ئاساسەن، ئىلگىرىكى كونكرېت ۋەقەلىك كەيپىيات تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان، ئەقلىي بىلىش پەقەت مەلۇم كەيپىيات تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشكەندىلا، ئاندىن مەلۇم پوزىتسىيىدە شەكىللىنىدۇ. ئاددىي ۋائىزلىكنىڭ رولى چوڭ ئەمەس. پوزىتسىيە شەكىللەنگەندىن كېيىن ھېسيات ئومۇملاشتۇرۇلغان، مۇقىملاشقان خاھىشقا ئىگە بولىدۇ. ئوقوتقۇچىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ياخشى تەسىراتىدىن ئوقوغۇچىدا ھۈرمەت پوزىتسىيىسى شەكىللەنگەن بولسا، كېيىن ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىنى خېلى قاتتىق تەنقىد قىلسىمۇ، ئوقوتقۇچىدىن رەنجىمەيدۇ، ھەتتا تەنقىد ناتوغرا بولۇپ قالغاندىمۇ ئەپۇ قىلىدۇ. دېمەك ۋەقەلىك ھېسىيات پوزىتسىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئەكسىچە، يەنە كېلىپ پوزىتسىيە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ھېسىياتنى بەلگىلەيدۇ.