Uyghur←Chinese主要词典
تاياماكاتائى
دۇنيا تارىخى
田山花袋
tián shān huā dài
(1872 - 1930) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى روكۇيا، تۆۋەن دەرىجىلىك ساقچى ئوفىتسېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك چېغىدا كىتاب دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن. 1891-يىلى ئوزاكى كويو قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان، تۇنجى ئەسىرى <قوغۇنلۇق> نى ئېلان قىلغان. 1907-يىلى ياپونىيىىڭ دەسلەپكى دەۋرلەرىكى ناتۇرالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان <يوتقان> ھېكايىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قىسىملىق رومان: <ھاياتلىق>، <خوتۇن>، <ئائىلىۋى چۈشەك> نى، <يېزا ئوقۇتقۇچىسى> پوۋېستىنى، <ئەسكەر> ھېكايىسى قاتارلىقلارنى يازغان. 16 توملۇق <كاتائى ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.