Uyghur主要词典
تاغاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قولنىڭ، ھايۋاننىڭ ئالدى پۇتىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك.
تاغاق سۆڭىكى. * قوينىڭ تاغىقى. * خەنزۇچە خەتنىڭ چىغناق - تاغاققا يېزىلغان نۇسخىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(ئىملاسى: تارغاق). چاچ ۋە موي تاراشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم.
ساقال تارغىقى. * ياغاچ تارغاق. * تاز بىلەن تارغاق تالىشىپتۇ (ماقال). * تازنىڭ نېمىسى بار؟ _ تۆمۈر تارغىقى (ماقال). * سوپىغا باغاق كەتمەس، تازغا تارغاق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قولنىڭ ياكى ئالدى پۇتىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك.
ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق تاغاققا تەگدى.