Uyghur主要词典
تاغ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قۇملۇقتا ئۆسىدىغان بىر خىل يۇپۇرماقسىز دەرەخ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاغ.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاغ تاغقا قاۋۇشماس كىشى كىشىگە قاۋۇشۇر _ تاغ تاغقا قوۋۇشماس، كىشى كىشىگە قوۋۇشار، يەنى ئىككى تاغ بىر - بىرىگە قوۋۇشمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز جايلىرىغا ئورناپ كەتكەن، كىشىلەر كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ، بىر - بىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. بۇ ماقال ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سۆيگىنى بىلەن كۆرۈشكەن كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 209
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاغ؛ شىمال، شىمال تەرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەر ئۈستىنىڭ تەكشىلىككە، دۆڭلۈككە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆتۈرۈلگەن ئېگىز قىسمى.
تاغ تىزمىسى.
ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا پۇل (ماقال).
كۆچمە. ئېغىر يۈك، ئېغىرچىلىق، مۇشەققەت.
ئازادلىققا ئېرىشىپ، يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرغان تاغ ئۆرۈلگەندەك بولدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تاغ؛ تاغدەك ئەر.