Uyghur←Chinese主要词典
تاگائوڭ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
太公国
tài gōng guó
بېرمىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. بەزىلەر مىلادىدىن ئىلگىرى 850-يىلى ھىندىستان كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دېسە، يەنە بەزىلەر مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردە تېتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان دەيدۇ. تاگائۇڭ شەھىرى (ئىرراۋادى دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان) پايتەخت قىلىنغان، زېمىنى جۇڭگونىڭ رىم بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم يولغا توغرا كېلىدۇ. ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شىمالىي ھىندى يېزىقىنى قوللانغان. Ⅺ ئەسىردە پاگان خاندانلىقىغا قوشۇۋېلىنغان.