Chinese→Uyghur主要词典
塔夫脱
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tǎ fū tuō
تافت
دۇنيا تارىخى
تافت
(1) ۋىلليام خوۋارد تافت (1857 ) 1930(، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى )1909 - 1912(. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارىتيىسىدىن. يالۇ داشۆسى ۋە سىنسىنناتى قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات، سوتچى بولغان. 1890-يىلى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىسىتىر بولغان. 1890 - 1900 - يىللاردا قوشما شتات سەييارە سوتچىسى ۋە سىنسىنناتى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1190 - 1904 - يىللاردا فىلىپپىن خەلق ئىشلىرى ئەمەلدارى بولغان. 1904 - 1908 - يىللاردا قۇرۇقلۇقئارمىيە مىنسىستىرى بولغان. 1908 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، <پېئىن - ئاۋدىلىچ يۇقىرى باج نىزامى> نى يولغا قويغان؛ سىرتقا قارىتا <دوللار دىپلوماتىيىسى> نى يۈرگۈزۈپ، پاناماغا تاجاۋۇز قىلىشنى كۈچەيتكەن، مونروئېزمنى چۈشەندۈرۈشنى كېڭەيتكەن. 1912 - يىلى سايلام رىقابىتىدە مەغلۇپ بولۇپ، يالۇ داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇرۇش ۋاقتى مېھنەتكەشلەر مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1921 - 1930- يىللاردا ئالىي سوتنىڭ باش سوتچىسى بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى، <كلايتونقانۇنى> دىكى ئىشچىلارغا پايدىلىق ماددىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللىغان. <ئامېرىكا ۋە تىنچلىق>، <ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى> دېگەن ئەسەرلىرى بار. )2(روبېرتئالفونسوتافت )1889 - 1953(. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى. ۋىلليام خوۋارد تافتنىڭ ئوغلى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1910 - يىلى يالۇ داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خارۋارد داشۆسىدە قانۇننى تەتقىق قىلغان. سىنسىنناتىدا ئادۇۋكات بولغان. 1921 - 1926 - يىللىرى ئوخىئو شتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان، 1931 - 1932 - يىللاردا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 9391 - 1953 - يىللاردا پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىنىڭ داھىيسى بولۇپ، روزۋېلىتقا ۋە <يېڭى سىياسەت پروگراممىسىغا قارشى چىقىپ، قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرۇپ، تەنھاچىلىقنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاۋشىيەن سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ھەمدە جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشقا قارشى چىققان. 1947 - يىلى خارتلېي بىلەن بىرلىكتە >تافت - ھارتلېي قانۇنى< نى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۈچ قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 50 - يىللاردا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىق گورۇھنىڭ داھىيسى، ئېيزىنخائۇئېر زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.