Chinese→Uyghur主要词典
塔登努阿文化
دۇنيا تارىخى
تاردېنوئىس مەدەنىيىتى
ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ ئاۋۋال فرانسىيىدىكى پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تەخمىنەن 110 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تاردېنوئىستا تېپلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1879-يىلى تەكشۈرۈلگەن. ئۇ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فرانسىيىدە بۇ مەدەنىيەتنى ئۈچ مەزگىلگە بۆلىدۇ. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا ئوۋچىلىق، سۈزۈۋېلىش ۋە يىغىش ئاساس قىلىنغان. يېڭى قورال - ئوقيا پەيدا بولغان. تاش قوراللار گېئومېتىرىيىلىك شەكلىدىكى نازۇك تاش قوراللارنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان. ئازىل مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ.