Uyghur←Chinese主要词典
تابىنشىۋېختى
دۇنيا تارىخى
莽瑞体
mǎng ruì tǐ
(تەخمىنەن 1516 - 1550) بىرما توڭگو سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. توڭگو پادىشاھى مىنكىيىنيو (1486 - 1531) نىڭ ئوغلى. 1531 - يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، دۆلەتنى بىرلىككە كەتۈرۈشكە تىرىشقان. 1539-يىلى لياڭجاۋ دېگەن يەردە ئادەم سانى كۆپ بولغان مونلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، پېگونى ئىشغال قىلغان. 1541-يىلى پېگودىكى سەككىز شەھەرنى بېسىۋالغان، ئىككىنچى يىلى پرومېنى ئالغان. 1544-يىلى يەنە يەتتە بەگلىكتىكى تۇسلارنىڭ بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، شىمالدا مىنۋۇ، مىنجيەن ئەتراپىدىكى يىلۇۋادى دەرياسى ۋادىسى رايونىنى ئىشغال قىلىپ، بىرمىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1546-يىلى، پايتەخت پېگودا بىرما، مون مىللەتلىرىنىڭ رەسىم - قائىدىسى بويىچە، تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىلى ئاركانغا يۈرۈش قىلىپ، ئالالماي قايتقان. 1548-يىلى سىيام (ھازىر تايلاند) غا بېسىپ كىرىپ، ئايۇتايغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئالالمىغان. 1550-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.