Uyghur←Chinese主要词典
سېزىش ھەرىكىتى
بىئولوگىيە
感性运动
gǎnxìngyùndòng
تاشقى مۇھىتنىڭ بەلگىلىك يۆنىلىشى بولمىغان غىدىقلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەت ئاساسەن ھۈجەيرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھالىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىت غىدىقلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئچىكى قىسمىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشتىن بىر خىل دىففۇزىيىلىنىش خاراكتېرىدىكى غىدىقلىنىش ھاسىل بولىدۇ، بۇ سېزىش ھەرىكىتى ھاسىل بولۇشنىڭ سەۋەبى. پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، خاسىڭ، سويا پۇرچاق، سېرىس دەرىخى، تاتىنچاق ئوت قاتارلىقلار) نىڭ يوپۇرماق ئالىقىنى كېچىدە تېمپېراتۇرا ياكى يورۇقلۇق كۈچىنىشىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقتىن تۈگۈلۈۋالىدۇ، يوپۇرماق سېپى تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، كۈندۈزى ئېچىلىدۇ. مانا بۇ كېچىنى سېزىش ھەرىكىتى دېيىلىدۇ. مېخانىكىلىق غىدىقلاش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانى ئۆسۈملۈك ھەرىكىتى تىتىرەشنى سېزىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تاتىنچاق ئوتنىڭ يوپۇرماق ھەرىكىتى ئەڭ تىپىك تىترەشنى سېزىش ھەىكىتىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بىر قىسىم كىچىك يوپۇرماق ئالىقانلىرى تىترەش ياكى مېخانىكىلىق غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا، دەرھال جۈپلىشىپ تۈگۈلۈلۋالىدۇ، ئەگەر غىدىقلاش كۈچەيسە باشقا جايلارغىمۇ تارقىلىپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدىكى كىچىك يوپۇرماقلار تۈگۈلۈپ يوپۇرماق سېپى تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يوپۇرماق سېپىنىڭ تۆۋەندىكى بۇلۇتسىمان توقۇلمىنىڭ كۆپۈش بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. سېزىش ھەرىكىتى ئۆسۈملۈكلەر ئورگىنىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىپادىسىدۇر.