Uyghur←Chinese主要词典
سېزىش بارماقلىرى
بىئولوگىيە
触手
chùshǒu
ئادەتتە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار تېنىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى باش قىسمى ياكى ئېغىز ئەتراپىدا ئۆسكەن ئىنچىكە، ئۇزۇن، يۇمشاق، ئەۋرىشىم ئورگىنىنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىيلا بارماقسىمان ياكى شاخسىمان بولۇپ، پۈتەيلىرى ياكى ئوتتۇرىسى كاۋاكلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، گىدرا قاتارلىق ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلارنىڭ سېزىش بارماقلىرى ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان سانجىش ھۈجەيرىلىرى، بەز ھۈجەيرىلىرى ۋە سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ؛ بوغۇم تەنلىك ھايۋانلاردىن قۇم سازىڭىنىڭ ئاغزىنىڭ ئالدىنقى ياپراقچىسىدا بىر جۈپ سېزىش بارماقچىسى، ئېغىز ئەتراپى بوغۇمىنىڭ ئىككى يېنىنىڭ ھەر بىرسىدە تۆت تالدىن سېزىش بارماقچىسى بولىدۇ، مولليۇسكىلاردىن ئۈزۈم قۇلۇلىسى، ئېتىز قۇلۇلىسى قاتارلىقلارنىڭ باش قىسمىد بىر - ئىككى جۈپ بولىدۇ؛ باشقا تىكەن تېرىلىك ھايۋانلاردىن ترېپانگا ھەم بېغىش پۇتلۇقلار، سۈپۈرگىسىمان قۇرت قاتارلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە سېزىش بارماقچىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى سېزىش، ياكى ئوزۇقلۇقلارنى چىرماق تۇتۇش رولىنى ئويناشتىن ئىبارەت، ياكى نەپەسلىنىش، كۆپىيىش (مەسىلەن ئەركەك ئېتىز قۇلۇلىسىنىڭ ئوڭ سېزىش بارماقچىسى چېتىشىش ئاپپاراتلىق ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ)، ھەرىكەتلىنىش ياكى بەدىنىگە تىرەك بولۇش فۇنكسىيىلىرىگە ئىگە.