—参考资料
سۇيۇق كرىستال
فىزىكا بىلىملىرى
بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق سائەت ياكى كىچىك تىپتىكى ھېسابلىغۇچلارنىڭ رەقەم كۆرسىتىشى كىچىك لامپۇچكىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىشى بولماستىن، بەلكى ئاجايىپ بىر خىل ئورگانىك ماددىنىڭ ئېلېكتر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە يورۇقلۇق چىقىرىشىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئورگانىك ماددا دەل سۇيۇق كرىستالدۇر.
سۇيۇق كرىستال ھەم سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشچانلىقى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكىگە ئىگە، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كرىستالنىڭ بەزى ئوپتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپ، تۈزۈلۈشى سۇيۇقلۇق بىلەن كرىستال ئارىلىقىدا بولىدۇ، بۇنداق ماددا ھالىتى ئادەتتە سۇيۇق كرىستال ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ ياكى ئارا كرىستال ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ. بايقالغان ياكى سۈنئىي بىرىكتۈرۈپ (سىنتېزلاپ) ھاسىل قىلىنغان سۇيۇق كرىستال ماتېرىياللار5000 خىلدىن ئاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورگانىك ماددىلاردۇر.
سۇيۇق كرىستال1888 - يىلى بايقالغاندىن كېيىن ئۇدا ئالىملارنىڭ تەجرىبىخانىسىدا «تەركىدۇنيا» بولۇپ تۇردى. يېقىنقى20 يىلدىن بۇيان، ئېلېكترون سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار سۇيۇق كرىستالنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، سۇيۇق كرىستالنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئالاھىدە رولى ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
سۇيۇق كرىستالنىڭ سىرتتىن كېلىدىغان كۈچ، ئىسسىقلىق، ئاۋاز، يورۇقلۇق، ئېلېكتر، ماگنىت قاتارلىقلارغا بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، باشقا شەكىلدىكى ئېنېرگىيىلەرنى يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئېلېكترونلۇق قول سائەت، ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ ۋە نۇرغۇن ئىلمىي ئەسۋابلاردا سۇيۇق كرىستال ئارقىلىق كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. سۇيۇق كرىستال ئارقىلىق كۆرسىتىش ئېنىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېرەك بولىدىغان ئېلېكتر بېسىمىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، توك سەرپىياتى ئىنتايىن ئاز، ھەر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزنى كۆرسىتىشكە پەقەت1 مىللىۋات ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى سەرپ قىلىنىدۇ. سۇيۇق كرىستال ئارقىلىق كۆرسىتىلىدىغان تەكشى يۈزلۈك تېلېۋىزور بولسا20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى تېلېۋىزورنىڭ ئوبرازىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. كىچىكى1.5 دىيۇيملىق سۇيۇق كرىستاللىق قول سائەت، تېلېۋىزور،3 ~5 دىيۇيملىق كىچىك سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزور، چوڭى9 ~14 دىيۇيملىق، ھەتتا220 دىيۇيملىق سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزورلار كەينى - كەينىدىن دۇنياغا كەلدى. سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزورنىڭ تەسۋىرى ئېنىق، رەڭلىرى روشەن بولۇپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. سۇيۇق كرىستال ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرىلاردا ئوخشىمىغان رەڭلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچ ياسىغىلى بولىدۇ. بىر خىل سۈت قۇتىسى بار بولۇپ، قۇتىدىكى سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغاندا، قۇتىغا سىزىپ قويۇلغان سېمىز بالا كۈلۈپ تۇرىدۇ؛ سۈت بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولغاندا، بالا يىغلامسىراپ تۇرىدۇ. بۇ خىل سېمىز بالا سۇيۇق كرىستال ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ.
سۇيۇق كرىستالنىڭ جانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ. نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ تېنىدە سۇيۇق كرىستالنىڭ ئىزى بولىدۇ. ئادەم مېڭىسى، مۇسكۇلى، نېرۋا يىلىك غىلىپى، كۆزدىكى يورۇقلۇق سەزگۈچنىڭ پەردە قەۋىتى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە سۇيۇق كرىستالنىڭ بارلىقى بايقالدى. ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشى، قىسمەن كېسەللىك ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سۇيۇق كرىستال ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سۇيۇق كرىستالنى تەتقىق قىلىش ھاياتلىقنىڭ سىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ.