Uyghur←Chinese主要词典
سۋياتوسلاۋ ئىگورېۋىچ
دۇنيا تارىخى
斯威雅托斯拉夫.伊戈尔列维奇
sī wēi yǎ tuō sī lā fū .yī gē ěr liè wéi qí
(؟ 972 ياكى 973). كىيېۋ روسىيىسىنىڭ كىنەزى (945 - 972 ياكى 969 - 972). ئىگور بىلەن ئولگانىڭ ئوغلى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، قەدىمكى رۇسىنىڭ قەبىلە ئايرىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن. مىلادى 496 - 966 - يىللاردا كاما دەرياسىنىڭ بويىدىكى بۇلغارلارنى مەغلۇپ قىلغان، قاچار پادىشاھلىقىنى تارمار قىلغان ھەمدەشىمالىي كاپكازغا يۈرۈش قىلغان، ئازوۋ دېڭىزىنىڭ بويىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىپ، شەرققە بارىدىغان يولىنى ئاچقان. كېيىن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 967 - يىلى بۇلغارلارنى مەغلۇپ قىلغان. ۋىزانتيە كىيېۋروسىينىڭ كۈچىيىشى ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقىدىن قورقۇپ، پېچېنەكلەرنى سېتىۋېلىپ كىيېۋقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى يىرىك ئەسكىرىي كۈچىگە باشچىلىق قىلىپ، بۇلغارىيىگە بېسىپ كىرگەن رۇس قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 971 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دوناي دەرياسىنىڭ بويىدىكى دولوستور شەھىرىدە بولغان جەڭدە، سۋياتوسلاۋ يېڭىلىپ، ۋىزانتىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ بۇلغارىيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. كىيېۋقا قايتىش سەپىرىدە، دنېپىر دەرياسىنىڭ بويىدا پىستېرمىدا تۇرغان پېچېنەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.