Uyghur主要词典
سېۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشى
领域: دۇنيا تارىخىقىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيەنىڭ سېۋاستوپولدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ۋە ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ. 1854 - يىل 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇقلۇقتىن قورشىۋلغان. روسىيە ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى كورىنكوۋ ۋە ناسموۋنىڭ رەھبەرلىكىدە پاراخوتنى چۆكتۈرۈپ دېڭىز ئاغزىنى قامال قىلىپ، قۇرغان ئاكوپلارنى ياساپ، ئۆز پوزىتسىيىسىنى مەھكەم ساقلاپ تۇرغان. 1855 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بىرلەشمە ئارمىيە قورولنى ئالغان. روسىيە قوشۇنىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار 100 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. بىرلەشمە ئارمىيىدىن 71 مىڭ كىشى چىقىم بولغان. بۇ قېتىمقى جەڭ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قىرىم ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。