Uyghur←Chinese主要词典
سىۋاجى
دۇنيا تارىخى
西瓦杰
xī wǎ jié
(1627 - 1680) ھىندىستاندىكى ماراتا دۆلىتىنى قۇرغۇچى. بىجاپۇرنىڭ فېئودال خانى بونىسلې جەمەتىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا ھەربىي تەلىم ئېلىپ، 19 يېشىدائەسكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىقىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1657 - يىلى ماراتا خەلقنىڭ موغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1665 - يىلى مەغلۇپ بولۇپ، ئىمپرىيە بىلەن <پلاندار سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، 20 دىن ئارتۇق قەلئەنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەمدە غايەت زور تۆلەم تۆلەشكە مەجبور بولغان. 1670 - يىلى ئىمپېرىيىگە قارشى يېڭىۋاشتىن ئۇرۇش باشلىغان. 1674 - يىلى تارقاق خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماراتا دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە سىياسىي ۋە ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ھەربىي سۇيۇرغاللىقلارنى بىكار قىلىپ، ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ دېھقانلار ئاساس سېلىنغان كۈچلۈك ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن.