Uyghur主要词典
سىۋاھلى مەدەنىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز ياقىسدىكى رايونلىرىدا شەكىللەنگەن مەدەنىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <سىۋاھلى> دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەرەبچە <ساھىل> (دېڭىز ياقىسى) دېگەن ئاتالغۇنىڭ كۆپلۈك سۈپەت شەكلى بولۇپ، ئەسلىي دېڭىز ياقىسدىكى ئاھالىنى ۋە مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەب كۆچمەنلىرىنى كۆرسىتەتتى. كېيىنرەك دېڭىز ياقىسىدىكى سىۋاھلى تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدىغان بولدى. مىلادىيە 950 - يىلىدىن 1500 - يىلىغىچە، ئەرەبلەر شەرقىي دېڭىز ياقىسىغا سودىگەرچىلىك قىلىپ كېلىپ، گىرۋا، مۇقدىشۇ، مالىندى، مومباسا، زانگرىبار، سوفارا قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالدى ھەمدە شۇ يەردىكى زەنگىلەر بىلەن نىكاھلاندى. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەرلىكنىڭ بانتۇ تىلىنى ئىشلەتتى، ئىسلام دىنىغا دائىر سۆز - ئىبارىلەردە ئەرەب تىلىنى ئىشلەتتى. بۇ ئىككى تىل تەدرىجىي بىرلىشىپ، سىۋاھلى تىلى بولۇپ تەرەققىي قىلدى ھەمدە شۇ يەردىكى بانتۇ مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشكەن سىۋاھلى مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى تانزانىيىنىڭ تانكىكا رايونى ۋە كىنىيىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلىرىدا ياشايدىغان ئاھالە سىۋاھىلىلارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىسىنى، ھەم بانتۇلارنىڭ ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، ھەم ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاياللارنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقىنى مۇلەييەنلەشتۈرگەن، ھەم بانتۇ مىللىتىنىڭ ئاتا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان؛ ھەم ئىسلام دىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاتا ، ئانا ۋە پەرزەنتلەر ئاساس قىلىنغان ئائىلە قۇرۇلمىسى بولغان، ھەم ئاتىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئاساس قىلىنغان قەبىلە شەكلىدىكى جەمەتىمۇ مەۋجۇت بولغان. زور كۆپ ساندىكى سىۋاھىللار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن، بانتۇ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شەرىئەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.