Uyghur←Chinese主要词典
سۇۋوروۋ
دۇنيا تارىخى
苏沃洛夫
sū wò luò fū
(1729 - ياكى 1730 - 1800). روسىيەمارشالى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدىن تارتىپ ھەربىي ئىشلارغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. 1748 - يىلى گۋاردىيە پىيادە ئەسكەرلەر پولكىغا كىرگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 - 1763) ۋە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1768 - 1774،1787 - 1791) لىرىغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. 1791 - 1794 - يىللىرى فىنلاندىيە ۋە جەنۇبىي روسىيەدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1794 - يىلى پولشا مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1796 - يىلى جەنۇبىي روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1797 - يىلى ئىمپېراتور پاۋېلⅠ نىڭ پرۇسسىيە ھەربىي تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ يۇرتىغا قايتۇرۋەتكەن. 1799 -يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىتالىيىگە ئەسكەر باشلاپ كىرگەن، روسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئالپ تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شۋېتسارىيىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان روسىيە ئارمىيىسىگە ياردەم قىلىپ، غەلىبە قازىنىپ گېنېراللىسمۇسلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1800 - يىلى يەنە پاۋېل Ⅰ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ <غەلىبە قازىنىش ئىلمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
苏沃洛夫
sū wò luò fū