Uyghur主要词典
سۇتۇق بۇغراخان مازىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مازار شىنجاڭنىڭ ئاتۇش ناھىيىسىدىكى مەشھەد مەھەللىسىدە بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى ( 910_1212 ) نىڭ باشلىرىدا سېلىنغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان ( 1329 _ يىلىدىن 1363 _ يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) دەۋرىدە ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ھەمدە يېڭىدىن توققۇز يېشىل مۇنار سېلىنغان. كېيىن كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ كەتكەن. XVI ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەكەن خانىلىقى ( 1514 _ 1680 ) دىكى چوڭ ئىشان مۇھەممەد شېرىپ مازارنىڭ ئورنىنى يېڭىباشتىن بېكىتىپ، گۈمبەز سالدۇرغان. ياقۇببەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە رېمونت قىلدۇرۇلغان ھەمدە مەسچىت، مەدرىسە قاتارلىق ئىمارەتلەر سېلىنغان. 1952 _ يىلى رېمونت قىلدۇرۇلدى. مازارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ مازىرى بار. ھەر يىلى 7_، 8_ ئايلاردا ئون مىڭلىغان مۇسۇلمان مۇشۇ يەرگە كېلىپ مازارنى تاۋاپ قىلىدۇ.