Uyghur主要词典
سۇ سۈمۈرۈش كۈچى
بىئولوگىيە
ئوسموتىك بېسىم پەيدا بولۇش جەريانىدا، ھۈجەيرىنىڭ سۇنى سۈمۈرۈشى ئۆز ئەتراپىدىكى ئېرىتمە كونسېنتراتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىىشپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئېرىتمىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى مۇۋازىنەتكە يەتكەن چاغدىكى ھۈجەيرىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش پوتېنسىئالى سۇ سۈمۈرۈش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھۈجەيرىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش كۈچىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىدە بۇرۇن سۇ سۈمۈرۈش كۈچى ئوقۇمى قوللىنىلىپ كەلگەن، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى سۇ پوتېنسىئالى ئۇقۇمى تەدرىجىي ئىگىلىدى. سۇ سۈمۈرۈش كۈچى (S)، ئوسموتىك بېسىم (P) ۋە كۆپۈش بېسىمى (T) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى S = P - T ئىپادىلەشكە بولىدۇ. سۇ سۈمۈرۈش كۈچى سۇ سۈمۈرۈش بېسىمى ياكى دىففۇزىيىلىنىش بېسىم پەرقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇ سۈمۈرۈش كۈچى بىلەن سۇ پوتېنسىئالىنىڭ (Ψ نىڭ) مۇتلەق قىممىتى تەڭ، ئالامىتى قارىمۇ قارشى بولىدۇ. كۆپۈش بېسىمى بىلەن بېسىم پوتېنسىئالىنىڭ (PΨ) چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئالامىتى ئوخشاش؛ ئوسموتىك بېسىم بىلەن ئوسموتىك پوتېنسىئال (πΨ) نىڭ مۇتلەق قىممىتى تەڭ، ئالامىتى قارىمۇ قارشى بولىدۇ