Uyghur←Chinese主要词典
سۇڭ شىلې
دۇنيا تارىخى
宋时烈
sòng shí liè
(1607 - 1689) چاۋشيەنلى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن كۇڭزىچى ئۆلىما. غەربلىك، ئاقساقاللار گۇرۇھىنىڭ داھىيىسى. ئىسمى يىڭفۇ، تەخەللۇسى يۇئەن. چۇڭچوڭ ۋىلايىتى ئېنجىنلىق. 1633 - يىلى ئىمتىھان بېرىپ يۇرت موللىسى بولغان. سول قول سىياسىي مەسلىھەت بىرلىكى مەنسىپىدە بولغان. نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق كۇڭزىچى ئۆلىمالار ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇپ چىققان بولۇپ، بىر ئەۋلاد كۇڭزىشۇناسلارنىڭ پىرى دەپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن. غەرب ۋە جەنۇبلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشتا غەربلىكلەر مەغلۇپ بولغانلىقتىن 1675 - يىلى خامگيوڭ نامدو ۋىلايىتىنىڭ دېيۇەنگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1680 - يىلى جەنۇبلۇقلار تەختتىن غولىتىلىپ، غەربلىكلەر يەنە بىر قېتىم تەختكە چىققان. ئۇزاق ئۆتمەي غەربلىكلەر ئاقساقاللار، كەنجى ساقاللار گۇرۇھى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، ئاقساقاللار گۇرۇھىنىڭ داھىيىسى بولۇپ قالغان. 1689 - يىلى تەخت ۋارىسى بېكىتىش مەسىلىسىدە سۇزۇڭ (لى خىڭ، 1674 - 1720 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ زىتىغا تېگىپ قويغانلىقتىن جەنۇبلۇقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارىلاپ چېجۇ ئارىلىغا پالاتقۇزۋەتكەن. كېيىن چۇللا چوكتو ۋىلايىتىنىڭ جېنيى دېگەن يېرىدە پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە ئۆلۈمگە بويرۇلغان، ئۇنىڭ <سوڭزى ئەسەرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.