Uyghur主要词典
سۇساماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۇسسىماق، سۇسىرىماق:
فىراقىڭ چۆلىدە ئۆلەر قەلەندەر سۇساب، ئەي دىلبەر.
مۇھەببەت بادەسىدىن زەردەئى جانىغە قويماسسەن.
قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇسسۇلۇق ئىچكۈسى كەلمەك.
<سۇسىرىماق> ھايۋان ۋە يەر - زېمىنغا قارىتىلىدۇ.
ئۇسسىساڭ سۇچىنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇسسىغان ئېچىرقىغاندىن يامان. ئۇسسىغاننىڭ چۈشىگە شىرىلدىغان سۇ كىرەر. سۇدىن قاچقان ئۆكۈز، چاڭقاپ ئۆلەر. چۆلدىگەن ئىت قۇدۇققا باقار. تەشنا بولغان سۇ تاللىماس. ئۇسساپ ئۆپكەم قۇرۇپ كەتتى، - دېدى بوۋاي. سۇسىرىغان ئوچۇمىدا سۇ ئىچەر.