Uyghur←Chinese主要词典
سۇر خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
苏尔王朝
sū ěr wáng cháo
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن خاندانلىق. 1539 - يىلى ئافغانىستان شېرشاھ سۇر (؟ - 1545) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. شېرشاھ سۇر ئەسلىدە بىخارنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، كېيىن بېنگالنى بويسۇندۇرۋالغان. 1539 - يىلى ۋە1540 - يىللىرى ئىككى نۆۋەت موغۇل ئىمپېراتورى ھۇمايۇننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى دېھلىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شىمالىي ھىندىستاننى ئىگىلىۋالغان. 1555 - يىلى ھۇمايۇن ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماجرادىن پايدىلىنىپ، پېرسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن سۇرنى مەغلۇپ قىلىپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.