Uyghur主要词典
سۇراپاتى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
17 - ئەسىردىكى ياۋا خەلقىنىڭ سۇراپاتى رەھبەرلىكىدە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. سۇراپاتىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوندۇن بولۇپ، بالى ئارىلىلىق قۇل. كېيىن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قوشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، لېيتنانتلىققا كۆتۈرۈلگەن. ئۇ، شىركەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ كەلگەن. 1683 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىنىڭ گۇمان قىلىشى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك گوللاندىيىلىك ئوفىتسىرلانىڭ كەمسىتىشى تۈپەيلىدىن، بىر تۈركۈم جەڭچىلەرنى باشلاپ باتاۋىيە (ھازىرقى جاكارتا) نىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا بېرىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. شىركەت زور قوشۇن ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورشاۋغا ئالغان. 1685 - يىلى سۇراپاتى قورشاۋدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ماتارام پادىشاھلىقىغاقېچىپ بارغان. ئەينى زاماندا دەل شىركەت بىلەن ئارازلىشپ قالغان ماتارام پادىشاھى ئاماڭكۇرات 2 (1677 - 1703) نىڭ قوغداپ قېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. 1686 - يىلى ئاماڭكۇراتنىڭ گوللاندىيەگە قارشى پوزىتسىيىسى تۇتۇق بولغانلىقتىن، سۇراپاتى قۇشۇننى باشلاپ ماتارامنى پايتەختىدىن ئايرىلىپ، گوللاندىيىگە قارشى مۇستەقىل كۈرەش ئېلىپ بارغان. ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلار تەرەپ - تەرەپتىن ئاۋاز قوشۇپ، پاسۇرۇئاندا ئۆز ئالدىغا پادىشاھلىق بەرپا قىلغان. 1706 - يىلى سوراپاتى جەڭدە يارىدار بولۇپ ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1719 - يىلى قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.