Uyghur←Chinese主要词典
سۇرا بايا مۇداپىئە ئۇرۇشى
领域: دۇنيا تارىخى泗水保卫战
sì shuǐ bǎo wèi zhàn
ھىندۇنېزىيىدىكى سۇرايابا خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش يولىدا ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان جېڭى. سۇرايابا شەرقىي ياۋانىڭ مەركىزى، ھەربىي ستراتىگىيىلىك مۇھىم ئورۇن. 1945 - يىلى 8 -ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن 10 - ئايدا ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيسى قورال كۈچى ئارقىلىق سۇرايابانى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ براگادا كوماندىرىئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەنگىليەنىڭ كۆپلىگەن قوشۇنى سۇراياباغا بېسىپ كىرىپ، يولسىزلىق قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى شەرتسىز ھالدا تەسلىم بولۇشقا زورلىغان. سۇرايابا خەلقى مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەنگىليە تاجاۋۇزچى ئارمىيسى بىلەن يىگىرمە بىر كۈن قانلىق جەڭ قىلغان. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى زور دەرىجىدە چىقىم تارتقاندىن كېيىن شەھەر رايونىنى ئىشغال قىلغان. ھىندۇنېزىيە سۇرايابا جېڭىدە ئۆلگەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىنى <ئىنقىلابىي قۇربانلار بايرىمى> (ياكى <قەھرىمانلاربايرىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىلىپ بەلگىلىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。