Uyghur←Chinese主要词典
سۇقسۇر
بىئولوگىيە
鸳鸯
yuānyāng
قۇشلار سىنىپىنىڭ غازسىمانلار ئەترىتى، ئۆردەكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كونىچە <قوشماق ئۆردەك> دېيىلىدۇ. ئۇ ئۆردەكلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى يېرىم مېتىرغا يەتمەيدۇ. ئەركەك سۇقۇر ئەڭ كۆركەم ئۆردەكلەردىن بولۇپ، بويۇن قىسمىدا يېشىل، ئاق ۋە جىگەر رەڭلەردىن تەركىب تاپقان پەي تاجىسى بار. كۆكرەك، قورساق قىسىملىرى ساپ ئاق رەڭلىك، دۈمبە قىسمى سۇس قوڭۇر، مۈرىسىنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى ئاق سىزىقى بار؛ قانىتىدا كۆزگە بەكمۇ چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ يەلپۈگۈچسىمان پەرداز پېيى بولۇپ، (يەلكەندەك تىك تۇرىدۇ )ئۇ <خەنجەر پەي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ( سۇقۇرنىڭ چىشىسى ئەركىكىدىن سەل كىچىكرەك بولۇپ، دۈمبىسى كۈكۈش قوڭۇررەڭ، قورساق قىسمى ساپ ئاق بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆزى قوڭۇر، ئەتراپىدا ئاق ھالقىسى بولۇپ، ئاغزى )تۇمشۇقى( جىگەررەڭ. پۇت بارماقلىرى قىزىل - سېرىق، ياغاچ پەردىسى قارا بولىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇقلاردىكى كۆل ھەم ئۆستەڭلەردە ياشايدۇ. ئادەتتە جۈپ بولۇپ ھايات كۈچۈرگەچكە <قوشماق ئۆردەك> دەپ ئاتالغان. ئۇ مېڭىش ۋە ئۈزۈشكە ماھىر، ئۇچۇش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك. ئالتە، يەتتىنچى ئايلاردا ئىچكى تاغلاردىكى دەرەخ كامارلىرىغا ئۇۋا ياساپ كۆپىيىپ 6 - 10 غىچە ياكى تېخىمۇ كۆپ تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمى كۆكۈش سېرىق بولىدۇ، ئۇ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىن جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىغىچە بولغان جايلاردىكى كۆل - سازلىقلاردا قىشلايدۇ. ياز پەسلىدە مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل رايونلىرىغا تارقىلىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى كۆرۈپ تاماشا قىلىشقا، گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.