كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاچ، ئاچكۆز: سۇقلۇق - ئاچكۆزلۈك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تويمايدىغان، نەپسىنى يىغمايدىغان.
«شۈمشۈك» ، «ئاشۇرىغى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. ئاچكۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويماس. بىرى ئاچپاقىلىقتىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچتىن ئۆلىدۇ. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. باي تولا يېسە خوردان دەر، نامرات تولا يېسە ئوپقان دەر. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. نەپسى يامان ھەممىدىن قۇرۇق قالار. نەپسى بالا ئاغزى كۆيمىسە، كۆمۈر چوغىنى يەۋېتىشتىن يانمايدۇ. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئاچ بەچچىغەردىن قاچ بەچچىغەر. ئاچنىڭ ئاچچىقى يامان. ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيىماس.
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىسۇق يالڭۇس ئەر _ ياپ - يالغۇز ئادەم، ياردەمچىسى ۋە ھەمراسى يوق ئادەم.
1 - 435
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئاچكۆز، تاماخور.
سۇق ئەر _ تاماخور، پەسكەش ئادەم. سۇق ئەرڭەك _ كۆرسەتكۈچ بارماق، بېگىز قول. بۇ بارماق ھېرىس بولىدۇ، چۈنكى تاماققا ھەممىدىن بۇرۇن مۇشۇ قول ئۇزىتىلىدۇ.
3 - 179
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى(شۈك) كە قاراڭ؛ (2) ھەۋەس، ئىستەك
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىدانلىماق