Uyghur←Chinese主要词典
سۇ پارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى
领域: بىئولوگىيە增温济
zēngwēnjì
تۈز زەنجىرلىك ماي گۇرۇپپىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىسلاتا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسپىرت ياكى ئۇلارنىڭ ئىپوكىسى ئېتلېن بىلەن بولغان رېئاكسىيىسىدىن ھاسىل بولغان تۆۋەن پولىمېرلىق ماددا. ئۇ سۇ يۈزىدە تاق مولېكۇلىلىق پەردە ھاسىل قىلىپ سۇنىڭ پارلىنىشىنى توسىدۇ. بۇنىڭ نىلەن سۇ پارى بىلەن بىرلىكتە يوقىلىپ كېتىدىغان ئىسسىقلىق ئازىيىپ سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل يۈزەكى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا كۆلچەك، سۇ ئامبىرى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى سۇنىڭ پارلىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى شال ئېتىزلىرىغا ئىشلەتكەندە مۇدەتتىن بۇرۇن مايسا تىككىلى، مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئۇ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدا، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شال مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز نېفىت سانائىتى قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىۋېلىپ ياسىغان قوڭۇر رەڭلىك سۇ پارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ماددىنى تېرىقچىلىق مەزگىلى كېلىشتىن بۇرۇن ئېتىزغا چاچقاندا، كۈندۈزى تېمپېراتۇرىنى 5 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى كۆتۈرگەن، سۇنى پارلاندۇرىدىغان يەر ئىسسىقلىقىنى 90% تۆۋەنلەتكەن. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ماددىدىن بىر مو يەرگە 65 - 70 كىلوگرام (500 - 600 كىلوگرام سۇغا تەڭشەپ) ئىشلەتكەندە تېمپېراتۇرىنى 20 كۈن ئەتراپىدا ساقلايدىكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。