Chinese→Uyghur主要词典
琐罗亚斯德
دىن
suǒ luó yà sī dé
زاراتۇسترا، زوروئاستېر
دۇنيا تارىخى
زورو ئاستېر
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 628 - 551) زورو ئاستېر دىنىنىڭ كەشپىياتچىسى. <زورو ئاستېر> قەدىمكى پارس تىلىدا زاراتۇسترا دېگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى <قېرى تۆگە> دېگەنلىك، ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ھەرخىل گەپلەر بار. بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مېدىيە رايونىدا تۇغۇلغان، كاھىنلىق قىلغان. 30 يېشىدا زورو ائاستېر دىنىنى كەشىپ قىلغان. دەسلەپ مۇرىتلىرى كۆپ بولمىغان، كېيىن باكتىرىيە پادىشاھى ۋىستاپپانىڭ قوللىشى بىلەن مۇرىتلىرى كۆپەيگەن ھەمدە پېرسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەن. <بىدئەتلەر> بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ۋەز - نەسىھەت خاتىرىسى كېيىن زورو ئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى (<ئاۋېستا>) بولۇپ قالغان.