Chinese→Uyghur主要词典
索科多王国
دۇنيا تارىخى
سوكودو پادىشاھلىقى
غەربىي ئافرىقىدىكى فېئوداللىق دۆلەت. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فولىبىي مىللىتىدىن بولغان ئوسمان دان فودىئو ئۆز مىللىتى ۋە خائۇسا مىللىتىدىن بولغان قۇللار ۋە نامراتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، خائۇسا شەھەر شتاتى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرغان. سۇيۇرغال بەلگىلەپ، ھاشار تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1809 - يىلى ئىككى سۇلتانلىققا بۆلۈنگەن: سوكودوغا ئوغلى مۇھەممەد بېللو (؟ - 1837)ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ گۇۋاندوغا ئىنىسى ئابدۇللاھى (؟ - 1829) ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1831 - ئىككى دۆلەت بىرلەشتۈرۈلگەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەنگىلىيە تەسىر دائىرلىرى كىرىپ، 1885- يىلى بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان. 1903 - يىلى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ھەمدە ئەنگىلىيىگە قارام بولغان شىمالىي نىگىرىيىنىڭ ھامىيلىقىغا ئېلىنغان. 1906 - يىلى ئەنگىلىيىگە قارشى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، باستۇرۇش بىلەن مەغلۇپ بولغان.