Chinese→Uyghur主要词典
索非亚
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوفىيە
بۇلغارىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، بۇلغارىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. سوفىيە شەھىرى بالقان تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سوفىيە ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 184 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇ جايلاردا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7 -، 8 - ئەسىرلەردە سېرىس خەلقلىرىنىڭ قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن <سېردىكا> دەپ ئاتالغان. 9 - ئەسىردىن باشلاپ بۇلغارىيىگە تەۋە بولغان. سوفىيە 1879 - يىلى بۇلغارىيىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر ئۇ بۇلغارىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. پۈتۈن دۆلەتتىكى 6/1 قىسىم چوڭ سانائەت ئورۇنلىرى مۇشۇ جايغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، مېتالچىلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سوفىيە بۇلغارىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە، يۇگوسلاۋىيىنىڭ پايتەختى بېلگرادقا، جەنۇبتا گرېتسىيىگە، شەرقىي جەنۇبتا تۈركىيىگە، شىمالدا رۇمىنىيىلەرگە تۇتىشىدىغان بىرقانچە تارماق تۆمۈريوللار بار. شەھەرنىڭ ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئوتتۇرا ياۋروپادىن غەربىي ئاسىياغا ئۆتۈش يولىدىكى مۇھىم ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. شەھەردە سوفىيە داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مۇزېيخانىلار، مەشھۇر مەيدانلار، ئاتاقلىق ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، مەنزىرىسى گۈزەل باغچىلار ناھايىتى كۆپ. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، ساياھەت ئىشلىرى راۋاجلانغان.
ئۇنىۋېرسال
suǒ fēi yà
سوفىيە
Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
suǒ fēi yà
سوفىيە