Uyghur←Chinese主要词典
سۇنىڭ كىرىتىكال چېكى
بىئولوگىيە
水分临界期
shuǐfènlínjièqī
ئۆسۈملۈكنىڭ سۇ يېتىشمەسلىكىگە ئىنتايىن سەزگۈر بولغان مەزگىلى سۇنىڭ كرىتىكال چېكى ياكى ھالقىلىق مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بۇغداينىڭ تۆت بۆلەك تەنچە ۋاقتىدىن گۈل چېڭىنىڭ ھاسىل بولۇشىغىچە بولغان مەزگىل بىرىنچى كرىتىكال چېكى، دان تۇتۇشتىن سۈتى پىشىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ئىككىنچى كرىتىكال چېكى بولىدۇ. سۇنىڭ كرىتىكال چېكى ئۆسۈملۈكنى مۇۋاپىق سۇغىرىشنىڭ بىر خىل دەلىلى بولالايدۇ.