Uyghur主要词典
سۇنبۇلە بۇرجى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاسترونومىيە
ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ ئالتىنچىسى. ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى 150° تىن °180 قىچە. ئەسلىي ئورنى سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن. مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۈم كۈزگى تېرىم بولىدۇ.