Uyghur←Chinese主要词典
سۇ مۇۋازىنىتى
بىئولوگىيە
水分平衡
shuǐfènpínghéng
ئۆسۈملۈكنىڭ تۇپراقتىن سۈمۈرۈۋالغان سۇ مىقدارى بىلەن پارلاندۇرۇش ئارقىلىق يوقاتقان سۇ مىقدارىنىڭ بىر خىل مېتابولىزملىق كىستىك مۇۋازىنەت ھالىتىدىن ئىبارەت. سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىقى، ئېرىتىش ئىسسىقلىقى ۋە پارلىنىش ئىسسىقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۇراقلىق ساقلايدۇ، يۇقىرى سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق ئۆسۈملۈكىنى بىر خىل مۇھىم بوففېرلىق ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈك زور مىقداردا ئىسسقلىق سۈمۈرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا پەقەت كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەر ئەتراپتىكى مۇھىتتىن سۈمۈرگەن رادىئاتسىيە شەكلىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ بىر قىسمى ئۆسۈملۈكنىڭ يۈزىدىكى سۇنى پارلاندۇرۇش شەكلىدە تارقىلىپ كېتىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى سۇنىڭ مۇۋازىنىتىمۇ ئۆسۈملۈك ھاياتلىق پائالىيتى جەريانىدىكى بىر خىل زىددىيەتلىك بىرلىكتىن ئىبارەت. ئەگەر ئۆسۈملۈكنىڭ سۇ مېتابولىزم مۇۋازىنىتى يوقالسا ئۆسۈملۈكنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، يەڭگىل بولغاندا شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى قورۇلۇپ سولىشىدۇ. ئېغىر بولغاندا يوپۇرماق، گۈل ۋە مېۋىسى تۆكۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش ئارقىلىق سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكنى كۆچۈرۈش ۋە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا كۆچەتلەرنىڭ بىر قىسىم يوپۇرماق ۋە شاخلىرىنى قىرقىۋېتىش ئارقىلىق پارلىنىشتىن بولىدىغان سۇ يوقىتىشنى ئازايتىپ، سۇنىڭ مۇۋازىتىنى ساقلىغىلى، تۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
水平衡
shuǐ píng héng