Uyghur←Chinese主要词典
سۇماترا كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
苏门答腊协定
sū mén dá là xié dìng
1824 - يىلى ئەنگىلىيە بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدا مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسى بۆلۈشۈۋېلىش كېلىشىمى، 1824 - يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. ئۇنىڭ مەزمونى تۆۋەندىكىچە: (1) ئەنگىليە گوللاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ مۇستەملىكىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەڭ زور ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇش؛ (2) ئەنگىلىيە، گوللاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن ھەرقانداق بىر تەرەپ ئەگەر ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى ياكى كېمىلىرىگە قارىتا باج ئالماسلىقنى يولغا قويسا، قارشى تەرەپنىڭ پۇقرالىرى ياكى كېمىلىرىدىن ئېلىنغان باجنى 6ىرسەنتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك؛ ئەگەر ئۆز پۇقرالىرى ۋە كېمىلىرىدىن باج ئېلىشنى يولغا قويغان بولسا قارشى تەرەپتىن ئالىدىغان باجنى ئىككى ھەسسىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك؛ (3) گوللاندىيە ھىندىستاندىكى سودا رايونلىرىنى ئەنگىليەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (4) ئەنگىليە سۇماترادىكى مۇستەملىكىلىرىنى گوللاندىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (5) گوللاندىيە مالاككانى ئەنگىلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (6) ئەنگىلىيە بېللىتوننى گوللاندىيىگەئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (7) گوللاندىيە ئەنگىلىيەنڭ سىنگاپوردىكى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئەنگىلىيە سىنگاپورنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان تەسىرىي كۈچىنى كېڭەيتمەسلىك؛ (8) ھەرقايسى جايلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنى 1825 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش. كېلىشىمدە يەنە گوللاندىيە ئاتجېنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىراق گوللاندىيە ئاتجېدىكى <دېڭىز قاراقچىلىرى>غا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ، سۇماترانىڭ شىمالىي قىسمى دېڭىز ئەتراپىدىكى كېمىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش دەپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە بۇ كېلىشىم ئارقىلىق پۇلۇپېناك، سىنگاپوردا بازا قۇرۇپ، مالاككا بۇغۇزىنىڭ بىردىنبىر خوجايىنىغا ئايلانغان.