Uyghur主要词典
سۇلۇق
دۇنيا تارىخى
(1785 - 1867) ھايتى پادىشاھى (1849 - 1859). نېگىر قۇلنىڭ ئوغلى بولۇپ، ساۋاتسىز. 1803 - يلدىكى فرانسىيىگەقارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، كېيىن پەيدىنپەي قوشۇندا ھوقۇققا ئېرىشكەن. 1847 - يىلى ھايتى جۇمھۇرىيىتىنڭ زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1849 - يىلى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئورناتقان. ئۆزىنى <پادىشاھ فائۇستىن Ⅰ> دەپ ئاتىۋالغان. ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ (1849 - 1855 - يىللىرى) مەغلۇپ بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئىگىلكنى ۋەيران قىلىپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. 1859 - يىلى 1 - ئايدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، كېيىن يامايكىغا قېچىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سۈيى بار، سۈيى كۆپ.
سۇلۇق يەر. سۇلۇق ئېتىز.
تەركىبىدە سۈيى، شىرنىسى كۆپ، شىرنىگە تولغان.
سۇلۇق شاپتۇل. سۇلۇق نەشپۈت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«ئېغىزدۇرۇق» قا قاراڭ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۇلۇق، سۈيى مول جاي؛ نىمەتلىك ، قولى كەڭ كىشى.