Uyghur主要词典
سۇلفات كىسلاتا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خىمىيە
ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى H2SO4. ئۇ رەڭسىز، مايسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ، كۈچلۈك كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. سۇدا ئېرىگەندە، كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئادەتتە كۈچلۈك سۇسىزلاندۇرغۇچى رېئاكتىپ ھېسابلىنىدۇ. قەغەز، ياغاچ، تېرە ۋە كىيىم قاتارلىقلار ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە، كوكۇسقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاساسىي خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، سوپۇن، بوياق، پارتلىغۇچى دورا، تېببىي دورا قاتارلىقلارنى ياساشقا ياكى نېفىت سانائىتى ۋە مېتاللورگىيە سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.